قىرغىزىستاندا ئۆزبېك تىلىدا ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە 2013 - يىلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمتىھانلىرىنى پەقەت دۆلەت تىلى ۋە رەسمىي تىل بولغان قىرغىز ھەم رۇس تىلىدىلا بېرىش بېكىتىلدى.


«جۇمھۇرىيەتلىك ئومۇمىي ئىمتىھانى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئىمتىھان تۈرى ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتتىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئۆزبېكلەرنىڭ تىلىدىمۇ بېرىشكە رۇخسەت قىلىنغان بولسا، بۇ يىلدىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

قىرغىزىستان مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە ئىمتىھان بېرىدىغان ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ يىلدىن يىلغا ئازلاۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قىرغىزىستان ئالىي مەكتەپلىرىدە پەقەت رۇسچە ۋە قىرغىزچە ئىككى تىلدا دەرس ئۆتىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ھازىر قىرغىزىستاندا 256 ئۆزبېك تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان مەكتەپ بار بولۇپ، بۇنىڭ بەزىلىرى ئارىلاش مەكتەپلەر ئىكەن. بۇ مەكتەپلەردە 100 مىڭدىن ئارتۇق بالا ئوقۇماقتا ئىكەن.

قىرغىزستاننىڭ جەنۇبى ۋىلايەتلىرىدە ئۆزبېكلەر بىر قەدەر زىچ ۋە كۆپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 2010 - يىلى، ئوش ۋە جالال - ئاباد شەھەرلىرىدە ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا ئېتنىك توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ھەر ئىككى خەلقتىن كۆپ ساندا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئوش ۋە جالال - ئاباد ۋىلايەتلىرىدە ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆز تىلى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئىدىيىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى مەلۇم.