قىزىلسۇدا بۇنىڭدىن 1300 بۇرۇنقى قەبرىستانلىق تېپىلدى

ئارخېئولوگلار يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تەخمىنەن بۇنىڭدىن 1 مىڭ 300 يىل بۇرۇنقى بىر قەبرىستانلىق بايقىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.01

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1 مىڭ 500 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قەبرىستانلىقتىن 102 قەبرە تېپىلغان بولۇپ، قەبرىلەرنىڭ 40 پىرسەنتى كىچىك بالىلارنىڭ ئىكەن.

خەۋەردە قەبرىستانلىقنىڭ قىزىلسۇدا بايقالغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق كونكرېت قايسى جايدىن تېپىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. قېزىشقا قاتناشقان ئارخېئولوگلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياغاچ تاۋۇت ئىچىدىكى جەسەتلەر قۇرۇپ كەتكەن. تاش ئەسۋابلار، ساپال قاچا ۋە مىس ئەسۋابلار جەسەتلەرگە قوشۇپ دەپىنە قىلىنغان.

بۇنچىلىك كۆپ كىچىك بالا جەسىتىنىڭ تېپىلىشى ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئارخېئولوگلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەسەتلەر مەنسۇپ قەبىلىدىن نېمىشقا بۇنچىلىك كۆپ كىچىك بالا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، قەبرىستانلىقتىكى جەسەتلەرنىڭ قايسى تائىپىگە مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن. بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يۈ جىيوڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «قەبرىدىن چىققان تاۋۇتلارغا قارىغاندا بۇنىڭدىن 1 مىڭ 300 يىل يىل بۇرۇن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ» دېگەن.

قەبرىلەردىن يەنە، ناھايىتى نۇرغۇن قاپاقتىن ياسالغان ۋە ياخشى ساقلانغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى تېپىلغان.

چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار يۈ جىيوڭنىڭ سۆزىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭدىن 1 مىڭ 300 يىل يىل ئاۋۋال بۇ رايونغا تۈركىي قەبىلىلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى ۋە قاپاقتىن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش ئۇيغۇرلارغا خاس بىر خىل مەدەنىيەت تىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ رايوندىن تېپىلغان ھەر قانداق مەدەنىي يادىكارلىقتىن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇش ئىلمىي ئارخېئولوگىيىلىك مېتود ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.