قىرغىزىستان قىسىملىرى خىتاي قىسىملىرىنى قەشقەردىن باشلاپ ھاۋادىن ۋە زېمىندىن مۇھاپىزەت قىلىۋاتىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى تاجىكىستاندا «تىنچلىق» ناملىق ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزىدۇ. خىتاي ئەسكەرلىرى تاجىكىستاندا، ئېگىز تاغ ۋە ئەڭ قېيىن مۇھىتتا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى مەشىق قىلماقچى.
«مەركىزى ئاگېنتلىقى»نىڭ بايان قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا، خىتاي بىلەن رۇسىيە يادرو ئېنېرگىيىسى قاتارلىق كۆپ ساھە بويىچە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلانمايدۇ، دەپ جاكارلىدى.