ب ب س خەۋەر قانىلىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان ئالتۇن كېنى بولغان تاتبۇلاق ئالتۇن كانىدا ئىشلەيدىغان خىتاي ئىشچىلار مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، شۇ يەردە كېتىۋاتقان بىر ئاتلىق قىرغىزغا توپا قېزىش ماشىنىسى بىلەن ئۈسۈپ، ئۇنىڭ ئېتىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. بۇ ئىش يەرلىك قىرغىزلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. نەتىجىدە 21-ئۆكتەبىر كۈنى كان ئەتراپىدىكى يېزا ئاھالىلىرى خىتاي ئىشچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا يەرلىكلەردىن 4 كىشى بېشىدىن يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.
ئەتىسى، شۇ يېزىدىكى 450 تەك قىرغىز ئاھالىسى نامايىش قىلىپ، قىرغىز ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ئىشچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئالتۇن كانلارغا يەرلىكلەردىن ئىشچى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قىرغىز دائىرىلىرى نۆۋەتتە يېزا ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ۋە 300 ئەتراپىدىكى خىتاي ئىشچىنى باشقا يېزىلارغا يۆتكىگەن.
خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتى ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، قىرغىز دائىرىلىرى ئالتۇن كانىنىڭ بۇ توقۇنۇش سەۋەبىدىن ھازىرچە ئىش باشلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.