كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: قىرغىزىستاندا ئۆزبېكلەرگە تەن جازاسى بېرىۋاتىدۇ

دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتتا، بۇ يىل ئىيۇندا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن، قىرغىز ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ ئۆزبېك تۇتقۇنلىرىنى قاتتىق ئۇرۇش ۋە تۇنجۇقتۇرۇش قاتارلىق جازالارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا، قىرغىز قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنىڭ توقۇنۇشتىن كېيىن، توقۇنۇشقا چېتىپ داۋاملىق ئادەم تۇتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىلەردە "خورلانغانلىقى ۋە قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان"لىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلات بۇ يىل ئىيۇندا قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن ئىككى ئايدەك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تەييارلانغان.

دوكلاتتا يەنە، ئىيۇندىكى توقۇنۇشقا قىرغىز ئارمىيىسىنىڭمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغانلىقى ۋە يەرلىك ئۆزبېكلەرنى ئۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت