دوكلاتتا، قىرغىز قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنىڭ توقۇنۇشتىن كېيىن، توقۇنۇشقا چېتىپ داۋاملىق ئادەم تۇتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىلەردە "خورلانغانلىقى ۋە قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان"لىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلات بۇ يىل ئىيۇندا قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن ئىككى ئايدەك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تەييارلانغان.
دوكلاتتا يەنە، ئىيۇندىكى توقۇنۇشقا قىرغىز ئارمىيىسىنىڭمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغانلىقى ۋە يەرلىك ئۆزبېكلەرنى ئۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
