مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنى قىرغىزىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان "قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتى" تەشكىللىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، تەشكىلات رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف خىتايلارنىڭ "26 - ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى" دە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىل - ئىسپاتلارنى يوشۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار جىنايەتچىلەرنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشچىلار خىتاينى " تېررورچى دۆلەت" دەپ ئاتىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
نامايىشچىلار يەنە، " ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىشقا 500 نەپەردەك ئۇيغۇر قاتناشقان بولۇپ، نامايىش قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە ئېلىپ بېرىلدى.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى ھەر خىل نارازىلىق نامايىشلىرىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بولسا، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىق سايلىمى تۈپەيلى نامايىشنى كېچىكتۈرگەن ئىدى.