خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قىرغىزىستاندىكى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئۆزىگە يېتىپ كەلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارادىن قىرغىزىستانغا كېلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ھازىر، دەھشەتلىك ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئوش رايونىنىڭ ئۆزىگە يېتىپ كەلمەكتە.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئايلاردىن بۇيان، بۇ رايوننىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى بولغان قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بازارلاردا 500 دۇكان ۋە مەھەللىلەردە 1500 ئۆي ۋەيران بولغان، 75 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر پاناھلىق تىلەپ ئۆزبېكىستانغا كەتكەن، يەنە 300 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم مۇشۇ رايوننىڭ ئۆزىدە مۇساپىرغا ئايلانغان ئىدى.

ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسى پىتېر نىكولاسنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت تەرىپىدىن ئىشقا ئېلىنغان 150 نەپەر خىزمەتچى ھازىر بۇ رايوندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىۋاتىدۇ.