500 مىڭ قىرغىزىستان لىق رۇسىيىدە تىرىكچىلىك قىلماقتا

29-ئاپرېل كۈنى قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالماسبېك ئاتامبايېف بىشكەكتە ئېچىلغان بىر يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ھازىر قىرغىزىستاندىن 500 مىڭ ئادەمنىڭ رۇسىيىگە كېتىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيىنىڭ رېگنۇم ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالماسبېك ئاتامبايېف سۆزىدە نۆۋەتتە، قىرغىزىستاننىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى، ئىشسىزلىقنىڭ ئېغىرلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا كۆچمەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى جىددىي ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارنى يېنىكلىتىشتە رول ئويناۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

قىرغىز باش مىنىستىرى بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە تەرەپ بىلەن رۇسىيىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان قىرغىزىستانلىقلارنىڭ قانۇنىي ۋە ئەمگەك ھوقۇقلىرى ھەم رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىن كەتكەنلەر ئىكەن.

نۆۋەتتە، بىر مىليون ئەتراپىدا تاجىكىستانلىق، 6-7 مىليون ئەتراپىدا ئۆزبېكىستانلىقنىڭ رۇسىيىگە كېتىپ ھەر خىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ كىشىلەر رۇسىيىدە تاپقان پۇللىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى قېرىنداشلىرىغا ۋە ئائىلىسىگە ئەۋەتىش ئارىلىق ئۇلارنى باقىدىكەن.

بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلىقلار ئۈچۈن مۇھىم ئىقتىسادىي كىرىمگە ئايلانغان. شۇ ۋەجىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى بۇرۇندىلا رۇسىيە تەرەپ بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ رۇسىيىدىكى قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەققىدە سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.