قىرغىز خەلقى نامايىش قىلىپ خەلقئارا ساقچىنىڭ قىرغىزىستانغا كىرىشىگە ئېتىراز بىلدۈردى

يۈزلىگەن قىرغىز خەلقى ئوش شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، خەلقئارا ساقچى خادىملىرىنىڭ قىرغىزىستانغا كىرىشىگە ئېتىراز بىلدۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، نامايىش تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىرغىزىستانغا 50 نەپەر قورالسىز ساقچى خادىمى ئەۋەتىپ، قىرغىزىستاندا تىنچلىق ساقلاش ئىشلىرىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ يىل 7 - ئاپرېل قىرغىز خەلقى نامايىش قىلىپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرغان. مەزكۇر نامايىشتىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد رايونلىرىدا ئېتنىك توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان. نەتىجىدە يۈزلىگەن ئۆزبېك خەلقى ئۆلتۈرۈلگەن. 400 مىڭدەك خەلقنىڭ يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر رايونلاردىكى توقۇنۇشلار باستۇرۇلغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئوش شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ئىكەن.