ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىدىن 12 مىڭ يىللىق قىياتاش رەسىملىرى بايقالغان

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىدىن 12 مىڭ يىللىق قىياتاش رەسىملىرى بايقالغان. ھالبۇكى رەسىملەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ۋە قايسى ئورۇندا بايقالغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

«ئۇلۇغ ئېرا» تېلېۋىزىيىسىدە خەۋەر قىلىشىچە، رەسىملەرنىڭ ھەممىسى رەڭلىك بولۇپ، كۆپىنچىسى قىزىل گىلدا بويالغان ئىكەن.

بۇ قىياتاش رەسىملىرىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئەر- ئايلاردىن باشقا، قوي- كالا، ئات-تۆگىلەر سۈرەتلەنگەن ئىكەن.

ياۋروپادا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى قىياتاش رەسىملىرى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيىسى تەۋەسىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر رايونلاردىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ھەرقانداق بىر تارىخىي يادىكارلىقلارنى خىتاي سۇلالىلىرىگە باغلاپ ئىزاھلاپ، تارىم ۋە ئالتاي ۋادىلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى.