2008 - يىلى شايار ناھىيىسىدىن سىرتقا يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچى 11 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا يۆتكەش" نامىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلىپ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسەت، 2008 - يىلى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2008 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسى تەۋەسىدىن سىرتقا يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچى 11 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

گەرچە مەزكۇر "ئەمگەك كۈچلىرى" نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىغا ۋە ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە تەپىسلىي مەلۇماتلار بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ ئامانلىق تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، شايار ناھىيىسىنىڭ " يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرغان" لىقى ھەمدە خىتاينىڭ جېجىياڭ ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىگە جايلاشقان زاۋۇت - كارخانىلىرىدىكى ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياج بىلەن ئۆزلىرىدىكى ئىشلەمچى تەمىنلەش مۇناسىۋىتى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2008 - يىلى شايار ناھىيىسى تەۋەسىدىن سىرتلارغا يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچى 3320 كىشى بولۇپ، بۇلار جەمئىي 10 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا "ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شۇندىن باشلاپ ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاينىڭ چىڭداۋ، جېجىياڭ، گۇاڭدۇڭ ۋە تيەنجىن قاتارلىق ئۆلكە،شەھەرلىرىگە يۆتكەپ كەلمەكتە ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى" مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان ھەمدە قىزلارنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى ئاشكارىلاپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.