بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئاشۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا ئۇيغۇر ئېلى بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 949 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 443 مىڭ 900 ئادەم قېتىم كۆپەيگەن ئىكەن.

بۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ %79.16 تىنىڭ ئورۇنلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2006 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەر يىلى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ ساننىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيە يېزىلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ئىگىلەيدۇ.

خوتەن ھەمدە ئاقسۇنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانىنى يىلدىن يىلغا ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر پىلاننى " ھەر ئائىلىدىن بىرنى" يۆتكەش سىياسىتى بويىچە مەجبۇرى خاراكتېرىدا ئىشقا ئاشۇرماقتا.