تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قازاق ئۇچقۇچى ۋە باشقا ئايروپىلان خادىملىرى قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

ئۆتكەن يىلى دېكابىردىن بۇيان قانۇنسىز قورال يۆتكەش گۇمانى بىلەن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قازاق ئۇچقۇچى ۋە باشقا ئايروپىلان خادىملىرى قويۇپ بېرىلىپ قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-02-13
Share

بۇ بىر بۆلەك ئايروپىلان خادىملىرى ئۆتكەن يىلى 11 - دېكابىردا شىمالىي كورىيىدىن 35 توننا ئېغىرلىقتىكى قورال - ياراق ۋە بىر قىسىم قورال زاپچاسلىرىنى ئېلىپ، تايلاندنىڭ باڭكوك ئايرودرومىغا ماي قاچىلاش ئۈچۈن قونغاندا تۇتۇپ قېلىنغان ئىدى.

مەزكۇر قوراللار بېسىلغان ئىليۇشىن تىپلىق يۈك ئايروپىلانىنىڭ ئەسلى قازاق ھاۋا يوللىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى ۋە 4 نەپەر ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قازاق پۇقراسى ۋە بىر نەپىرىنىڭ بېلورۇسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
شىمالىي كورىيىدىن قورال بېسىپ يولغا چىققان بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىرانغا بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالىي كورىيىنىڭ قورال سودىسى قىلىشىغا ئېمبارگو قويغان بولغاچقا، قولغا چۈشكەن ئايروپىلان خانىملىرى قورال - ياراق ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

"بانكوك پوچتا گېزىتى"دە خەۋەر قىلىنىشىچە، تايلاند ئەدلىيە مىنىستىرى بۇ بەشەيلەنگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى بىكار قىلغان ۋە ئۇلارنى قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تايلاندنىڭ مەزكۇر قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت