بۇ بىر بۆلەك ئايروپىلان خادىملىرى ئۆتكەن يىلى 11 - دېكابىردا شىمالىي كورىيىدىن 35 توننا ئېغىرلىقتىكى قورال - ياراق ۋە بىر قىسىم قورال زاپچاسلىرىنى ئېلىپ، تايلاندنىڭ باڭكوك ئايرودرومىغا ماي قاچىلاش ئۈچۈن قونغاندا تۇتۇپ قېلىنغان ئىدى.
مەزكۇر قوراللار بېسىلغان ئىليۇشىن تىپلىق يۈك ئايروپىلانىنىڭ ئەسلى قازاق ھاۋا يوللىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى ۋە 4 نەپەر ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قازاق پۇقراسى ۋە بىر نەپىرىنىڭ بېلورۇسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
شىمالىي كورىيىدىن قورال بېسىپ يولغا چىققان بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىرانغا بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالىي كورىيىنىڭ قورال سودىسى قىلىشىغا ئېمبارگو قويغان بولغاچقا، قولغا چۈشكەن ئايروپىلان خانىملىرى قورال - ياراق ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
"بانكوك پوچتا گېزىتى"دە خەۋەر قىلىنىشىچە، تايلاند ئەدلىيە مىنىستىرى بۇ بەشەيلەنگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى بىكار قىلغان ۋە ئۇلارنى قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تايلاندنىڭ مەزكۇر قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.