بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قورال كىرگۈزگەن رايونلار ئاسىيا بىلەن ئوكيانىيىدە. پۈتۈن دۇنيادىكى قوراللارنىڭ 9% ئى ھىندىستان ئارقىلىق، 6% خىتاي ئارقىلىق، 5% ئى پاكىستان ئارقىلىق يۆتكەلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى قورال -ياراقلارنىڭ 30% نى ئامېرىكا ئېكسپورت قىلىدۇ. دۇنيا بويىچە ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قورال ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەت ئۈچ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ھىندىستان، ئىككىنچىسى خىتاي، ئۈچىنچىسى جەنۇبىي كورىيە. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر پەيدا بولۇۋاتقان يەنە بىر يېڭى يۈزلىنىش شۇكى، دۇنيادا بومباردىمانچى ئايروپىلان ئىشلىيەلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئالجىرىيىدىن توختام قوبۇل قىلىشقا قىزىقماقتا.