خوڭكوڭدا ئاھالىلەر رايونىدا قورال ئىسكىلاتى بايقالدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خوڭكوڭ دائىرىلىرى تۈنۈگۈن، كولوڭ (توققۇز ئەجدىھا) رايونىدىكى بىر ئائىلىدە ساقلىنىۋاتقان 20 دانە مىلتىق، مىڭغا يېقىن ئوق، بىر قىسىم قول بومبىسى ۋە بىر مىناميۇتنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ قورال ئىسكىلاتىدا يەنە، راست مىلتىقلارغا ئوخشايدىغان يۈزدەك ئويۇنچۇق مىلتىقمۇ بار ئىكەن.

خوڭكوڭدىكى ئامانلىق قوغداش دائىرىلىرى بۈگۈنكى باياناتىدا، بۇ ئائىلىۋى قورال ئىسكىلاتنىڭ زەربە بېرىش كۈچىنى تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ، دەپ جاكارلىغان.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ دېلو، تۈرمە ساقچىسى بولۇپ پېنسىيىگە چىققان 64 ياشلىق بىر كىشى تۈنۈگۈن ئۆيىدە مىلتىق تازىلىغاندا، ئوق ئېتىلىپ كېتىپ ئۆزىنى يارىلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە پاش بولۇپ قالغان.