مەزكۇر قانۇن لايىھىسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ماقۇللىغان مۇداپىئە خام چوتىغا دائىر قانۇنىغا قوشۇمچە قىلىپ چىقىرىلغان.
قانۇن لايىھىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق خىتاي مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار تۈرلەردە سودا توختامىغا ئېرىشىشى چەكلەنگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ھازىرلىغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن روسا دېلاۋرو ئەسكەرتىپ، «خىتاينىڭ مۇداپىئە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى جىددىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بىر پەيتتە، بىزنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكى ۋە شۇنداقلا مۇداپىئە سانائەت ساھەسىدىكى تېخنىكىلىق كەسىپ شۇنداقلا ئالاقىدار نازۇك تېخنىكىلارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن.
بۇ قانۇن «جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە سانائەت شىركىتى» ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ئولتۇرىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ سودا رىقابىتىگە قاتنىشىپ، مەزكۇر ئايروپىلاننى ياساش توختامىغا ئېرىشىش ئېھتىمالى كۈچلۈك دەپ قارىلىۋاتقان بىر پەيتتە چىقىرىلدى.
دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىپ، تىك ئۇچار ياساش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشىدىن، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ھەربىي مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلغان. فرانك ۋولف مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ھازىرلىغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى.
ئۇ، يېقىندا خىتاي بىلەن ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدە ھەمكارلىشىشقا قارشى چىقىپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان بىر دۆلەت بىلەن بۇ ساھەدە ھەمكارلىشىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.