ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2010- يىلدىن 2012-يىلغىچە جەمئىيەتتىن 14000 نەپەر قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. بۇ نۆۋەت شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەربىيىلەنگەن بۇ بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار شۇ پىلاننىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىنى «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش»نامىدا خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ يەسلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ئەنئەنىۋى مائارىپ تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.