ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت قوش تىل مائارىپى يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا «ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل مائارىپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى» نى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.04.21

بۇ يىرىك پىلان ئۇيغۇر رايونىنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدىكى قوش تىللىق ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەت قېلىبنامىسى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى پىلانغا ئاساسەن 2012-يىلىغىچە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش، 2015-يىلىغىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى، 2020-يىلىغىچە بولسا بارلىق يەسلى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈشنى پىلان قىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىردەك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە. ئۇلار ئاتالمىش «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشىنىڭ خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىل مائارىپى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى سىياسىتى ئالاھىدە يەر ئالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ پىلانغا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، بۇنى رايوننى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر باسقۇچ دەپ قارىماقتا.

دەرۋەقە، خەلق گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىمۇ قوش تىل مائارىپى يىرىك پىلانى ئۇيغۇر رايونىدا «ھالقىما تەرەققىيات» ۋە «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك»تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.