تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن ئۇچۇردىن قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاشكارا قوبۇل قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تىزىملاشقا «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق ۋە شىنجاڭلىق بولمىغان 26 ياشتىن تۆۋەن ياشلار تىزىملاتسا بولىدۇ» دېيىلگەن.
ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ 5-6-ۋە 8-دەرىجىلىك ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتكەن بولۇش، «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى»غا ئوخشاش دەرسلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلاردا پۈتۈنلەي خىتايچە جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم دېگەندەك شەرت قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى سۆزلەش شەرتلىرى قويۇلمىغان. پەقەت ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.
بۇندىن سىرت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشتا سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاز سانلىق مىللەت ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى «قوش تىل مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ» ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلغار پەن-تېخنىكىلاردىن خەۋەردار قىلىپ، نەتىجىدە ياخشى ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدۇ.
خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ ئۆز دوكلاتلىرىدا قوش تىللىق مائارىپنى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ۋە مەمۇرىي ئورگانلاردىن سىقىپ چىقىرىش قىلمىشى سۈپىتىدە تەنقىد قىلماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل مەكتەپلىرىگە جەمئىي 13 مىڭ 969 نەپەر ئوقۇتقۇچى، يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە جەمئىي 3754 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.