خىتاي ئۇيغۇر ئېلى " قوش تىل" مائارىپىغا پەقەت بۇ يىل ئىچىدىلا 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجراتماقچى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان " قوش تىل" مائارىپى سىياسىتى ئۈچۈن پەقەت بۇ يىل ئىچىدىلا 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مەبلەغ سېلىش پىلانى 27- نويابىردىن 29- نويابىرغىچە ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان " شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى مۇھاكىمە يىغىنى" دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 33 ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە 15 ۋىلايەت-ئوبلاستتىن كەلگەن 160 ۋەكىل قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە " قوش تىل" دا ئوقۇۋاتقان خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 2 مىليون 369 مىڭ 300 گە يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى " قوش تىل تەييارلىق سىنىپلىرى" دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى 1 مىليونغا يېقىنلاشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2020 - يىلىغىچە "قوش تىل" مائارىپنى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىگە ئومۇملاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى پىلان قىلغان.

مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە قارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەر " قوش تىل" مائارىپى سىياسىتىنى يولغا قويۇلغان بولسا، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا "ئورتاق تىل" سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن ئىدى.
مەزكۇر سىياسەتلەر خىتاينىڭ ھەرخىل جايلىرىدا ئوخشاشمىغان قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.

بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر رايونىدا يولغا قويۇلماقچى بولغان "قوش تىل" سىياسىتىگە قارشى تىبەت ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلغان ئىدى.