مۇخبىر ئېنىقلاش داۋامىدا بۇ شەرت قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبىنىڭ خىزمەتتە "مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش" ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەنە شۇ خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرچە ئورنىغا، خىتايچە دەرس ئۆتۈشنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقى، ئەمما بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان نۆۋەتتىكى بىر ئەۋلاد ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەقە تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بار دەپ قاراۋاتقانلىقى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپلەردە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ ۋەزىپە ئۆتىگىلى كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى سەۋەبىدىن "ۋەقە چىقىدۇ" دېگەن ئەندىشىدە بولۇشنى ئورۇنلۇق دەپ قارىسىمۇ؛ ئەمما ۋەقە چىقارغۇچىلار نامزاتىنى مۇشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ دېگەن پەرىزىنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.