يەرلىك دائىرىلەر بولسا بۇ يىلقى مائارىپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نىشانى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ يەسلى مائارىپىغا قارىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا 3 مىليارد 800 مىليون يۈەننىڭ 1 مىليارد 700 مىليونى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشكە سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ يەسلى مائارىپىدا خىتاي تىلىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى 2012 - يىلغا قەدەر %80 كە يەتكۈزۈش پىلانلانغان.
"شىنجاڭ خەۋەر تورى" بېكىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى جاۋ دېجۇڭ، مائارىپ نازارىتىنىڭ "شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتى"نىڭ بۇ يىلقى نىشانى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جاۋ دېجۇڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ سۇنۇپ، " شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى يالغۇز قورال كۈچىگە تايىنىپ باستۇرغىلى بولمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەتنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى 12 يىلغا چىقىرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەكتەپ ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى كونترول قىلىش"نى ئوتتۇرىغا قويغان.
لېكىن خىتاينىڭ "قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار بولسا يەسلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىدا مەدەنىيەت جەھەتتىكى ياتلىشىش، پىسخولوگىيە جەھەتتىكى نورمالسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.