خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ 19-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلۇۋاتقان قوش تىللىق يەسلىلەر 1470 كە يەتكەن. بۇ يەسلىلەرنىڭ ئىچىدە 66% نىڭ قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى يەسلىلەرنىڭ 85% نى ئىگىلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم زىيالىيلار قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئانا تىلىنى تېخى ياخشى ئىگىلەپ بولالمىغان يەسلى يېشىدىكى بالىلارغا، خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش قىلمىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن خەلقئارا پېداگوگىكا قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش دەپ تەنقىدلەنسە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى دەپ ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.