لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچى خەلق جەنۇبىي لىنىيىدە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى يەڭدى

لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچى خەلق شەنبە كۈنى جەنۇبىي لىنىيىدە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى يېڭىپ، كازافىي قىسىملىرىنى ئەز زەۋىيەھ رايونىدىن قوغلاپ چىقاردى.

ئەز زەۋىيەھ رايونى لىۋىيە پايتەختىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك رايون دەپ قارالماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كازافىي قىسىملىرى ئەز زەۋىيەھ رايونىغا دەسلەپتە شۇ جاي ۋاقتى شەنبە كۈنى ئەتىگەن سەت 6 دە يۈزلىگەن ئەسكەر، تانكا ۋە برونېۋىكلار بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن.

ھۆكۈمەت قىسىملىرى شەھەر مەركىزىي مەيدانىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، قوزغىلاڭچى ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كازافي ئارمىيىسىنى رايوندىن قوغلاپ چىقارغان.

مىسىردا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، نامايىش يالقۇنى لىۋىيىگە تۇتاشقان.

لىۋىيە پرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۆكتىچىلىرىگە زوراۋانلىق ئىشلەتكەندىن كېيىن، نامايىش قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن.

بۇ جەرياندا لىۋىيە ئەدلىيە مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلار، كازافىيدىن يۈز ئورۇپ، قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قوشۇلغان.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما لىۋىيە پرېزىدېنتى كازافىينى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.