خەۋەردە بۇ قورال ۋە ئوق - دورىلارنىڭ كىملەرنىڭ ياكى قايسى خىل كىشىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىنغانلىقى، ۋە مەزكۇر قورال-ياراق ئىگىلىرىگە قانداق جازا بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن. خەۋەردىكى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەنلەرگە قارىغاندا، بۇ قوراللارنىڭ ئاساسلىقى ئوۋچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان قوراللار ئىكەنلىكى مەلۇم. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، قۇمۇل، ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرى ھېلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى.
تۆمۈر يول ساقچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، قۇمۇلدىكى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مىللىي تەنھەرىكەت ۋە مىللىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان، تاغلىق رايونلاردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقى بايقالماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى، بۇلتۇردىن باشلاپ، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغاندا، چوڭ ئاممىۋى ۋەقەلەر ۋە ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان قەبىھ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساسلىق شوئار قىلغان ئىدى. قۇمۇل تۆمۈريول ساقچىلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر ئايلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆمۈر يول، نېفىت تۇرۇبىلىرى ۋە كاتتا سودا-ساراي قاتارلىق چوڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
