قۇربان ھېيتىدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۈرۈمچىدە جىددىيلىك تۈس پەيدا قىلدى

بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئادەتتە چىش - تېرنىقىغىچە قوراللانغان 9 ئەسكەر بىر گۇرۇپ بولۇپ ئۈرۈمچىنىڭ كۇچىلىرىدا چارلاپ ئېلىپ بېرىپ تۇرۇدىغان خىتاي قوراللىق قىسىملىرى، 5 ‏ - ئىيول ۋەقەسىدىن كېيىنىكى تۇنجى قېتىملىق قۇربان ھېيتىدا، 18ى بىر گۇرۇپ بولۇپ، ھەممسى ئوقتىن ساقلىندىغان كېيىم بىلەن كۇچىلاردا، بولۇپمۇ مىچىتلەرنىڭ ئەتراپىدا توختىماي چارلاش ئېلىپ بېرىپ، مۇسۇلمانلارغا قارىتا جىددىيلىك تۈس پەيدا قىلدى.

'شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بىجىرىش ئورنى' دەپ ئاتالغان ئورۇن، پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيتلىق زىياپەتكە تەكلىپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن 100 دىن ئارتۇق خىتاي ئورۇنلاشتۇردى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان شەھەرلەردە بولسا، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق خىتاي قىسىملىرى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇردى.