خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 4 مىليون 230 مىڭ ئادەم ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا يولۇققان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ جاڭجياڭ ۋە ياڭزىجاڭ دەريا دېلتىسىدىكى يامغۇر مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان. نەتىجىدە دەريانىڭ سۇ يۈزى 60 پىرسەنت تۆۋەنلەپ 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.
مىنىستىرلىق ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىللىق قۇرغاقچىلىق ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 14 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
مىنىستىرلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: زور كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەرلەر قۇرۇپ، يېرىلىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن شال مايسىلىرى يىلتىز تارتالمىدى.
خىتاينىڭ جياڭسۇ، ئەنخۇي، جياڭشى ۋە خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە كۆل ۋە سۇ ئامبارلىرىدىكى سۇ يۈزى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. خۇنەندە سۇ يۈزى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قېلىش ھالىتىگە يېتىپ، بېلىقچىلىق ئىگىلىكى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى ئىككىنچى چوڭ كۆل دوڭتىڭ كۆلىنىڭ سۇ يۈزىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر كۆلدە چاشقان ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
دائىرىلەر دەريالارنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئۇچ بوغۇز سۇ ئامبىرىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان سۇ مىقدارىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۇچ بوغۇز ئامبىرىدىكى مەسئۇل خادىم ۋاڭ خەي: ئەگەر قۇرغاقچىلىق 10 -ئىيۇنغىچە داۋام قىلسا سۇ ئامبىرىمۇ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇچ بوغۇز سۇ ئامبىرىنى قۇرۇغاندا مەزكۇر ئامبارنىڭ قۇرغاقچىلىق ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.