خۇنەندە يەنە بىر ئايال يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلدى

خۇنەندە يەنە بىر ئايال يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خۇنەندە 21 ياشلىق بىر ئايال 26‏ - يانۋار كۈنى H5N1 بەلگىلىك يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۈگۈن ئۆلگەن. بۇ، خىتايدا مۇشۇ ئاي ئىچىدە يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەن 5 ‏ - بىمار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇنەندە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بۈگۈن ئۆلگەن بۇ ئايال، چاغان بايرىمى ئۈچۈن ئۆي ھايۋانلىرى بازىرىغا بارغان ئىكەن.