جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ' قۇتادغۇ بىلىك' نىڭ ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى يىغىن چاقىرىلدى

10 - ئىيۇن چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ " قۇتادغۇ بىلىك" ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا قايتا نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن چاقىرىلدى.

قۇتادغۇ بىلىكنىڭ يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى يۇتا ۋاللېي ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

يىغىندا جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ئاسىيا - كاۋكاز ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور فرەدەرىچك ستارر ۋە يۇتا ۋەللەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دوكتور رۇستي بۇتلەر قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلدى.

مەزكۇر يىغىنغا يەنە ئۇيغۇر ئارخېئولوگ، قۇتادغۇ بىلىكتىكى پەلسەپىۋى قاراشلار بويىچە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان قۇربان ۋەلى ئەپەندىمۇ تەكلىپ قىلىندى ۋە ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقىدى.

تارىخشۇناس قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇنلىغان قەدىمىي كىتابلارنى تەتقىق قىلىپ نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ قۇتادغۇ بىلىك ھەققىدىمۇ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ۋە ئىلمىي ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي ئاسىيا - كاۋكاز ئىنستىتۇتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق قىرغىزىستان ئەلچىخانىسى ۋە يۇتا ۋاللېي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.