رابىيە قادىر خانىم ياۋروپادىكى 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ

د ئۇ ق توربېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېلەر ئاينىڭ 7‏-كۈنىگىچە، گوللاندىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 7 دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسىتى مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن ئۇچرىشىش" شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، جۈملىدىن 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبلىك چەتئەلگە قېچىپ چىققان سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش، شۇنداقلا يەنە، بۇ يىل 5 ‏-ئايدا ئامېرىكىدا ئېچىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىگە ئائىت مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشتۇر.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش رابىيە خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى كۈنتەرتىپىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى سىيىت تۈمتۈرك ۋە ئەسقەرجان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق قۇرۇلتاي رەھبەرلىك ھەيئەتلىرى بۇ قېتىمقى زىيارەت داۋامىدا، رابىيە قادىر خانىمغا باشتىن-ئاخىر ھەمراھ بولىدۇ.