رابىيە خانىم نيۇيوركتا ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئاخبارات يىغىنى ئېچىلغان ئىدى. 'بوشۈن تور گېزىتى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىننىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، مۇخبىرلاردىن باشقا خىتاي دېموكراتىيە پارتىيسى، خىتاي ئەركىنلىك - دېموكراتىيە دېگەن ئىككى پارتىيىنىڭ ئەزالىرىدىنلا 600 ئادەم قاتناشقان.

بۇ يىغىندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم، 'پۇقرالىق كۈچى ھەرىكىتى'نىڭ باشلامچىسى دوكتور ياڭ جەنلى، 'بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى'نىڭ باش مۇھەرىرى خۇپىڭ، خىتاي دېموكراتىيە پارتىيسىنىڭ رەئىسى، ليۇ دۇڭشىڭ، خىتاي ئەركىنلىك - دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ رەئىسى چېن مىڭ قاتارلىق كىشىلەر ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاخبارات يىغىنىدا، رابىيە خانىمنىڭ نۇتقى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. رابىيە خانىم ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى چۈشەندۈرۈپ نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. 'خىتاي دېموكراتىيىلەشسە، سايلامغا قاتنىشامسىلەر' دېگەن سوئالغا، رابىيە خانىم، 'بۇنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ۋەزىيىتىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ' دەپ جاۋاب بەردى. ' ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشتىن باشقا يەنە نېمە ئىش قىلماقچى؟' دېگەن سوئالغا، رابىيە خانىم 'مەن خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى دۆلەت تېررورلۇقى ۋە، مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىتتپىاقلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىمەن' دەپ جاۋاب بەردى.