رابىيە خانىم «خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى قوش بىسلىق ئويۇنى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ 11-سېنتەبىر پاجىئەسىنىڭ 10 يىللىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى ئىسلامى ئەسەبىيلىكنىڭ قۇربانى دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى رادىكالل ئېقىملارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، «خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشتە ناھايىتى قىزغىن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار تىبەت مەسىلىسىدە بۇنداق ئىمكانىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كۆپ قىسىم تىبەتلەرنىڭ بۇددىست بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش يولىدىكى تىنچ كۈرەشلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يەر شارى ئىسلامى ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى، دەپ چۈشەندۈرگەن.
رابىيە خانىم ماقالىسىدە بۇنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ئىچكى سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «غەرب خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى پەدەزلەپ كۆرسىتىشكە ئالدانماسلىقى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.