رابىيە قادىر خانىم: خەلق مېنىڭ ئۇلارنى يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىدۇ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تەشكىلاتى - «پۇقرالار كۈچى» نىڭ 22 - ئىيۇن رادىئومىزغا يوللىغان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 14 - ئىيۇن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايوندىكى ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە تەشكىلات قۇرۇغۇچىسى ياڭ جەنلى بىلەن كۆرۈشكەن.


ئۇچۇردا نەقىل قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم ياڭ جەنلى بىلەن كۆرۈشكەندە: ئىشەنچ بەك مۇھىم. خەلق مېنىڭ ئۇلارنى يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىدۇ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن، دېگەن.

ياڭ جەنلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاساسەن تولۇق ئاۋاز بىلەن قايتا سايلانغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: بۇ بىز نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان كۆرسەتمە، دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: رابىيە قادىر خانىمنى بۇ يەردە كۈتۈۋالغانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى پەخىرلىك ھېس قىلماقتىمىز ۋە كەلگۈسىدە جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن خىزمەت قىلىشتا ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنى كۈتمەكتىمىز.

ئۇچۇردا كۆرسىتىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلىشى خىتاي دېموكراتچىسى ياڭ جەنلى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقنى كۆرسىتىدىكەن.

«پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى خىتاي دېموكراتلىرى چەتئەللەردە قۇرغان ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.