ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ قىزى تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ قىزى راھىلە خانىم رابىيە قادىر ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نى قويۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى تەيبېيغا يېتىپ كەلگەن.

راھىلە خانىم رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن تەيۋەننىڭ گاۋشوڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" فىلىمىنى كۆرسىتىش ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مايىڭجۇ ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنى توسۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، چۈنكى، مايىڭجۇ باشچىلىقىدىكى تەيۋەن ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرغان ئىدى.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە خىتاي بىلەن ئوخشاش مەيداننى تۇتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم راھىلە خانىم بىلەن تەيۋەنگە بارماقچى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قاناتنىڭمۇ ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. تەيۋەندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پىكرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قارىشى پەرقلىق بولۇپ، "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى"نى قويۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللىغان ھەمدە" مايىڭجۇ ھۆكۈمىتى خىتاي باشلىقلىرىنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئەمما رابىيە قادىرنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەقىلغە سىغمايدىغان ھالدا ھەل قىلىش ئۇسۇلى" دەپ تەنقىد قىلغان.