رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى فىلىم ئاتلانتا كىنو فېستىۋالىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

ئامېرىكىنىڭ جورجىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتلانتا كىنو فېستىۋالىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ' مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى ' ناملىق فىلىم قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

قويۇلۇش نۆۋىتى مەزكۇر فىلىمغا كەلگەندە، سەھنە رىياسەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. فىلىم قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن رابىيە خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان.

رابىيە خانىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ، ئۆز ھاياتى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئارقىدىن فېستىۋالغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

فېستىۋالنىڭ 19 - ئاپرېىلدىكى پائالىيىتىگە، ئامېرىكىدىكى مەدەنىيەت، سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى، سەنئەتكارلار ۋە كىنو ھەۋەسكارلىرى بولۇپ 1000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.