ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىمىس، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋىزا ئالغانلىقىنى، كېلەر ھەپتە ئاۋستىرالىيىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قوزغىغان دەپ ئەيىبلەپ، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. سىمىس، رابىيە خانىمغا ئاۋستىرالىيە كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئاساسەن ۋىزا بېرىلگەنلىكىنى، بۇ ئۇنىڭ ئاۋستىرالىيىنى 3 - قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
رابىيە خانىم ئاۋستىرالىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاۋستىرالىيە پارلامېنتى، مەتبۇئاتى ۋە ئاۋستىرالىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن.