رابىيە خانىم، بىر ھەپتىلىك ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە خانىم، بىر ھەپتىلىك ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى. ئۇ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.

رابىيە خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنى ئەيىبلىدى.

رابىيە خانىم، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە مەزكۇر سىياسەت تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىققا پاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى شىنخۇا بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىنى تۇتقا قىلىپ، ئۇنى "يالغانچىلىق قىلدى" دەپ ئەيىبلىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، رابىيە قادىر خانىم ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلاردا قىلچە ساختىلىق يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرسى ئېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسا، ‘ قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنى بەلگىلەپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەكتەپلەرنى خىتاي مەكتەپلەر بىلەن قوشۇۋەتتى" دېدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا "قوش تىل يەسلى" قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل بۇ خىل تۈرلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى 830 مىليون يۈەنگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا، خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە ھەر خىل دىپلوماتىك بېسىملارنى ئىشلىتىپ قارشى تۇرغان بولسىمۇ، غەلىبە قازىنالمىغاندىن كېيىن، خانىمنىڭ باياناتلىرىدىن قۇسۇر تېپىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.