رابىيە قادىر خانىم ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جۈمە كۈنى ئاۋستىرالىيىدە، ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى 5 ‏ - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مېلبورىندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشىدا سۆز قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە سادىر قىلغان "قورقۇنچلۇق جىنايىتى" نى يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋەقەنى ئۆزىگە ئارتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، دىققەتنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى باشقىلارغا ئارتتى. ماڭا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا دۆڭگىدى. بىز خەلقئارا جەمئىيەت، ب د ت شۇنداقلا ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن، يارىلانغان، تۈرمىگە سولانغان ۋە تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز."

رابىيە خانىم شەنبە كۈنى مېلبورىندىكى ئاۋستىرالىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشچىلارغا يەنە، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ "ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق "نى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تىنچ كۇرەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.