رابىيە خانىم فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى مەزگىلىدىكى نامايىشقا قاتناشتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ خىتاينى مەزكۇر يەرمەنكىگە "شەرەپ مېھمىنى" سۈپىتىدە تەكلىپ قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

رويتېرستا نەقىل قىلىنىشىچە، رابىيە قادىر خانىم يەكشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە توختىلىپ: "ئادەم ئېتىش كۈندە يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇق داۋاملىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بۇنداق بىر دۆلەتنى قارشى ئېلىش تولىمۇ خاتالىق،" دېدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئۆتكەن يىللىق ئولىمپىك جەريانىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ "ئولىمپىك خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەشكە قىستايدۇ" دەپ قارىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاينىڭ ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "ئولىمپىكتىن ساۋاق ئېلىشنىڭ ئورنىغا، كىتاب يەرمەنكىسى خىتاينى مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلدى. 5 - ئىيۇل نامايىشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، دەل خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ."

گېرمانىيە سپىەگەل خەۋەرلەر تورىدا كىتاب يەرمەنكىسى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەردە " خىتاي، قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمان" دەپ ئاتالدى.

فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى جەريانىدا، فرانكفورتتىكى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىمۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر 14 - ئۆكتەبىردىن 17 - ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇليىتىنڭ قوللىشى ۋە بىر قىسىم تۈرك تەشكىلاتىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ئاساسىدا 17 - ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە نامايىش ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان.

نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئىشتىراك قىلغان. بۇ كۈندىكى نامايىشقا گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار بولۇپ 500 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان.