رابىيە خانىم فرانكفۇرت كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلدى

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 18 - ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى "خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمىيىتى" دەپ ئاتالغان خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىننىڭ تېمىسى خىتايدا تەقىپلەشلەرگە ئۇچرىغان ھەم ئۇچراۋاتقان يازغۇچىلار مەسىلىسىگە قارىتىلغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم يىغىندا سۆز قىلغان شۇنىڭدەك يەنە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ۋەقە ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ تەيۋەن زالى قاتارلىق ئورۇنلارنىمۇ زىيارەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

رابىيە قادىر خانىم يېڭى زېلاندىيىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن فرانكفورتقا كېلىپ، مەزكۇر كىتاب كۆرگەزمىسىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان شۇنىڭدەك بۇ جايدا بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.