رابىيە خانىم فرانكفورت خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 10 ‏ - ئاينىڭ 14 ‏ - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتاب يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرى بولغان فرانكفورد خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىشى ئۇنىڭ ھاياتى ئاساس تېما قىلىنغان "ئەجدارھا بىلەن ئېلىشقۇچى" ناملىق بىئوگرافىيىسىنىڭ يەرمەنكىگە قويۇلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى كىتاب يەرمەنكىسىدە خىتاينىڭ نەشرىيات ئەركىنلىكى، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە فالۇنگوڭ مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

يېقىندا خىتايلار بىلەن فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 تەشكىلات بىرلىشىپ، خىتاينىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تېما قىلغان بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچى شائىر ۋە يازغۇچىلىرىدىن بەي لىڭ ۋە دەي چىڭلار تەكلىپ قىلىنغان، لېكىن بۇ ئىككى زىيالىي يىغىندا خىتاي ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

بۇ ۋەقە گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭ ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى بۇ قېتىمقى كىتاب يەرمەنكىسىدىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى فرانكفوردىكى كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان قىسقا مۇددەتلىك زىيارىتىنىڭ بىر قىسىمىدۇر.