دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېريۇسېلنى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.
ئۇنىڭ بېريۇسېلدىكى سەپىرى يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېريۇسېلدىكى رەھبەرلىرى ۋە خىتاي دىموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
رابىيە خانىم بېريۇسېل سەپىرىدىن كېيىن گېرمانىيىنى قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت قىلىدۇ. لېكىن گېرمانىيە ئۇنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئەمەس. ئۇنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى چېخىيە پايتەختى پراگاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدە تاسادىپى بىر ئۆزگىرىش بولمىسا ئۇ 9 - ئاينىڭ 10 - ۋە 11 - كۈنلىرى پراگادا ئېچىلىدىغان بىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.