رابىيە خانىم گوللاندىيە سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن كەچ گوللاندىيە سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. گوللاندىيە سەپىرى رابىيە خانىمنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ياۋروپا ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان 3 ‏- قېتىملىق زىيارىتىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.04.02

رابىيە خانىمنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىدىكى سىياسەتچى ھەم ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن گوللاندىيىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرىغا پاناھلىق بېرىش مەسىلىسىنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشقان بولۇپ، لېكىن گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا ھازىرغىچە ئىجابىي جاۋاب بەرمىگەن.

رابىيە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا چوقۇم پاناھلىق بېرىشكە ۋەدە بەرمىگەن، لېكىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ، قولىدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە خانىم بۇ قېتىم گوللاندىيىگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېستىردامدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئىدى. ئۇ، بۇ جەرياندا گوللاندىيە ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىككى ئالىي بىلىم يۇرتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

خىتاينىڭ ئامېستىردامدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئاستىدا خىتاينىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.