ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى 10 كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشقاندىن باشقا گوللاندىيىدىكى بىر تۈركۈم ھۈكۈمەت خادىملىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ يەنە گوللاندىيىدىكى مۇھىم ئاخبارات ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.
گوللاندىيىدە مۇشۇ ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگە قەدەر ئۆتكۈزىلىدىغان مەزكۇر فېستىۋالغا، جەمئىيەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى تىما قىلغان ۋە جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش كۆچى چوڭ بولغان فىلىملار قاتناشتۇرىلىدىغان بولۇپ، " ئەھمىيەتلىك فىلىملار" نامىدىكى بۇ خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىغا ؛ رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى " ناملىق فىلىممۇ تاللانغان. شۇڭا رابىيە خانىم فېستىۋالنىڭ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان. رابىيە خانىم فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىشى ۋە فېستىۋال داۋامىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.