رابىيە قادىر خانىم مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى

20 - نويابىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، تونۇشتۇرۇشقا 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

بۇ پائالىيەت مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى تۆمۈر غوجا ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مىچىگان شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى ياۋروپا، روسىيە ۋە ياۋرو ‏ - ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە ياۋرو‏ - ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان باشقا كىشىلەرمۇ سىرتتىن قاتناشقان ۋە رابىيە قادىر خانىمدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ئائىت نۇرغۇن سوئاللارنى سوراشقان.

بۇ يىغىننى تەشكىللەشكە قاتناشقان تۆمۈر غوجا ئەپەندى ئەسلى تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ يېقىندا مىچىگان شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياۋرو ‏ - ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىغا بىر يىللىق كەلگەن بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىدە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن دەرس بەرمەكتە.

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشنى ھەر خىل شەكىللەردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نۇتۇق سۆزلەش ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.