رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، سابىق چېخ پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل تەرىپىدىن قۇرۇلغان "2000 - مۇنبىرى" فوندى جەمئىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىدى. خىتاينىڭ پراگادىكى باش ئەلچىخانىسى چېخ دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رابىيە خانىمنىڭ "بۆلگۈنچىلىك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى" غا سورۇن ھازىرلاپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.
رابىيە خانىم يىغىندا مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش، مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مەن خەلقئارا جەمئىيەتنى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتىشكە چاقىرىمەن."
ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرى زوراۋانلىقسىز ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا ئاۋستىرالىيىلىك رېژىسسور ئىشلىگەن رابىيە خانىم ھەققىدىكى "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" دېگەن فىلىم قويۇلدى.