يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن ئىتتىپاقى بىرلىكى پارتىيىسى 1-ئىيۇل ئاخبارات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن ئىتتىپاقى بىرلىكى رەئىسى خۇاڭ كۈنخۇينىڭ يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇاڭ كۈنخۇي ئۆز بايانىدا يەنە «تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە كىرىشى ئۈچۈن ۋېزا تەلەپ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
تەيۋەن ئىتتىپاقى بىرلىكى 2001-يىلى 12-ئاۋغۇست قۇرۇلغان بولۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتى لى دېڭخۇي بۇ پارتىيىنىڭ مەنىۋى داھىيسى.