تەيۋەن ناخشا چولپىنى فرېددى ئەپەندى تەيۋەندىكى ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن رابىيە خانىمنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. رابىيە خانىم تەيۋەنلىكلەرنىڭ تەيۋەن ئارىلىنى زىيارەت قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىرلار رابىيە خانىمدىن 'سىز ئۆزىڭىزنى جوڭگولۇق دەپ ھېسابلامسىز؟ ' دەپ سورىغاندا، رابىيە خانىم، 'مەن ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركستانلىق، ئۇيغۇرلار ھېچقاچان ئۆزىنى جۇڭگولۇق دەپ ھېسابلىمىغان، پەقەت ئاپتونومىيە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلار بىلەن بىللە ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان' دەپ جاۋاب بەردى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن فىلىم فېستىۋالىدەك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە سىياسىي جەھەتتىن توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىتلىدى.